باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇقرالىرى پاسپورتسىز كىرەلەيدىغان دۆلەت 12 گە، «بارغان جايدا ۋىزا باستۇرىدىغان» دۆلەت 37 گە يەتتى

2014.08.15 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو كونسۇل مۇلازىمەت تورىدىكى «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتسىز كىرىشى ۋە بارغان جايدا ۋىزا باستۇرۇشىغا تاق يۆنىلىشلىك، شەرتلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ جەدۋىلى»نى (2014-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) يېڭىلىدى، چىگرادىن كىرىپ-چىقىشنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ چىگرادىن چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتسىز كىرىشىگە تاق يۆنىلىشلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت 8 ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بارغان جايدا ۋىزا باستۇرۇشىغا تاق يۆنىلىشلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت 37.

  بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو بىلەن سان مارىنو، سېيشىل، ماۋرىتىئۇس، باھاما قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرمۇ ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن 12 دۆلەتكە ۋىزىسىز بارالايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر