باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى: زىياننى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك

2014.08.15 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاۋغۇست، زۇڭلى لى كېچياڭ شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردىكى قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم رايون، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش باش شتاب ئىشخانىسى مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇپ زىياننى ئازايتىش خىزمىتىگە داۋاملىق بوشاشماي قوماندانلىق قىلىپ، تەدبىر تۈزۈپ ۋە قوللىنىپ، زىياننى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك. مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭ زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمال قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردىكى قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر