باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەينۇلا-شاپتۇللار دېھقانلارنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخى بولپ قالدى(1)

2014.08.15 13:45   مەنبە: خەلق تورى

ئەينۇلا-شاپتۇللار دېھقانلارنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخى بولپ قالدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز روزىھاجى نەزەر، ئېلى نىيازلار خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر پەيزاۋات ناھىيە شاپتۇل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارغا كۆپ تەرەپلىمە بېيىش يولىنى كۆرسىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتەكلىگەچكە، دېھقانلار باغۋەنچىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ كۆڭۈلدىكىدەك بېيىش يولىنى تاپتى.

  بۇ يېزىدىكى دېھقانلار ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە 6000 مو يەرگە ئەينۇلا تىكىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق كۆزنىڭ ئۇلاقتىن چىقىش، ئەي بولۇش نىسبىتىنى %100 گە يەتكۈزدى. تېخنىكىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بۇ يىل 3500 مو كونا باغدىكى ئەينۇلانى ئوبدانلا ئوخشاتتى. 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان شاپتۇل يېزىسىدىكى ئەينۇلا باغلىرى يىراق-يېقىندىن كەلگەن خېرىدارلار بىلەن توشۇپ دېھقانلارنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمىدى.

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى نۇرىمانخان ئاتەك مۇنداق دىدى: « پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە بېيىش يولىنى تېپىۋالدۇق، بىر مو ئوخشىغان ئەينۇلادىن 27 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان دېھقانلار بار. بىزنىڭ ئائىلىدە 9 مو ئەينۇلا بېغى بولۇپ، يېڭىلا مېۋىگە كىرگەن بولىسىمۇ 35 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق. ئەينۇلا ئارىسىغا تېرىلغان كېۋەزدىنمۇ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار. بۇ بىزنىڭ چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان كىرىم. كېلەر يىلى تېخنىكىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئەينۇلانىڭ ئومۇمىي كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.بىزگە تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخنى تونۇتۇپ بەخت ئاتا قىلغان پارتىيەگە مىڭ رەھمەت!»...

  شاپتۇل يېزىسىدا ئەينۇلا سېتىۋېلىش 8-ئاينىڭ 20-كۈنلىرىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىل ئەينۇلادىن قىلىدىغان ئومۇمىي كىرىمى 35 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىش مۆلچەرلەنمەكتە.سۈرەتتە: دېھقانلار ئەينۇلا ئۈزۈش ۋە سېتىش بىلەن ئالدىراش.مۇخبىر:بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە پەيزاۋات باش مەيدان 8-روتادا

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…