باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشۇش

2014.08.15 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. جۇڭگو-موڭغۇلىيەدىكى ھەر ھاسە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو-موڭغۇلىيەنىڭ دوستانە قوشنىدارچىلىقى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا يېڭى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا. رەئىس شى جىنپىڭ كورېيە زىيارىتىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم قوشنا ئەلگە زىيارەتكە بارىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ «دوستانە ئۆتۈش، سەمىمىي-ئىشەنچلىك بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭقورساق بولۇش»تىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، «جۇڭگو-موڭغۇلىيە دوستلۇق-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا «جۇڭگو-موڭغۇلىيە دوستلۇق-ئالاقە يىلى». جۇڭگو-موڭغۇلىيە مەدەنىيەت-ساياھەت ھەپتىلىكى، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ياش-ئۆسمۈرلىرى دوستلۇقى يازلىق لاگىرى قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتى قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئەلرايى ئاساسى سېلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر