باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىسۇن

ــــ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدا

2014.08.15 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلۇغ مىللەت دائىم قىيىنچىلىق ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ؛

   چوڭ دۆلەت پەقەت ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

   2014-يىلى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يەنە چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى. يىل بېشىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قاتمۇقات قىيىنچلىقتا قالغان بولسا، يىل ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇ جەرياندا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي بولغان ئىلمىي تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم ۋە مۇۋاپىق بولدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قاتمۇقات توسالغۇلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي سىياسەتلەر پۇختا تۈزۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىنچىكە، چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلدى.

  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي شارائىتتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

  بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

  ـــــ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سالماقلىق بىلەن ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلەپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى يوللار بارا-بارا ئاۋاتلىشىپ كەتتى، ماشىنىلاردىكى سانائەت خام ئەشيالىرى ھەر قايسى زاۋۇتلارغا ئاپىرىلىپ، ساندۇق، سومكا، ئويۇنچۇق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. «ھازىر زاكاس كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى» دېدى دۇڭگۇەن سمارتېم ئائىلە جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لىن جىڭفۇ.

  بىر قانچە ئاي بۇرۇن، ئەھۋال ئىنتايىن ناچار ئىدى، بىرىنچى پەسىللىك تاشقى سودا «باھاردىكى ئۈششۈك»كە يولۇقۇپ، ئېكسپورت ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 تۆۋەنلەپ كەتتى. ماكرو سانلىق-مەلۇماتلارمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.4 بولۇپ، 6 پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. بەزى كارخانىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر