باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، يېرىمغا يېقىن ئۆلكىلەردە تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى تەڭشەلدى، ھەممىسى تەڭ دەرىجىدە يۆتكەلدى

2014.08.15 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جياڭسۇ بىلەن شاڭخەينىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەڭشەلدى. ئەسلىدىكى ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيۇڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ زېجوۋ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جياڭسۇ ۋە شاڭخەينىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى 14 ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى تەڭشەلگەن بولدى.

  مۇخبىرىمىزنىڭ بايقىشىچە، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان تەڭشەلگەن تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەڭ دەرىجىدە تەڭشەلگەن ياكى مەركەزدىن بىۋاسىتە تەيىنلەنگەن؛ ئەسلىدىكى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىكتىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن ياكى باشقا جايدىكى تەشكىلات بۆلۈمىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن.

  كۆپىنچىسى تەڭ دەرىجىدە يۆتكەلدى ياكى بىۋاسىتە تەيىنلەندى، ئاز قىسىمىلا ئۆستۈرۈلدى

  بۇلتۇر 5-ئايدىن باشلاپ، مەركەز 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈش تەڭشەشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى 14 ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى تەڭشەلگەن بولۇپ، خۇبېي، ئەنخۇي، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىكى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئورنى ۋاقتىنچە بوش قالغاندىن سىرت، قالغان 11 ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا چۈشتى.

  تەڭشەشتىن ئىلگىرى، بۇ 11 تەشكىلات بۆلۈم باشلىقىنىڭ كۆپ قىسمى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 3 كىشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، 2 كىشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى ئىدى، 2 كىشى مەركەزدىن «بىۋاسىتە تەيىنلەنگەن»، 1 كىشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 1 كىشى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، 1 كىشى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1 كىشى ئالىي مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۇجىسى (چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خۇ خېپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەندى)، ھەممىسىلا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار ئىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر