باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش پاش قىلىش تېلېفونى ۋە تور بېكىتى تەسىس قىلىندى

2014.08.15 08:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي پارتىيىنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار،تارماقلار ۋە ئورۇنلار سالماقنى زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە،تۆت ناتوغرا ئىستىلدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي تەربىيىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئىشخانىسىغا تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇش ھەم تۈزەش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىش،خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش لازىم.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەش ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قارىتا ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ھەر بىر تۈزەش تۈرىنىڭ پىلان، نىشان تەلىپى، باشلامچى ئورۇنلار، مەسئۇلىيەت گەۋدىلىرى، ئىلگىرلەش ۋاقىت چېكى ۋە ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. چارلاش ئارىلاپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. ياخشى تۈزىمىگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.


  مەركىزىي پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش پاش قىلىش تېلېفونى ۋە تور بېكىتى تەسىس قىلدى. 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئۆز رايونى ، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان 21 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پىكىر تەكلىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر