باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىي يېڭى ھالەتكە كىرمەكتە

2014.08.15 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %7.4 دە ساقلاش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەھۋالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2012-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئون پەسىل %7.5 ئەتراپىدا داۋالغۇپ تۇردى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن 30 يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىي تىز سۈرئەتتە ئاشتى. ئېلىمىز تۆۋەن كېرىملىك دۆلەتتىن ئوتتۇرا كىرىملىكتىن تۆۋەن، ئوتتۇرا كىرىملىككىچە بولغان تەرەققىيات باسقۇچىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەم باستى. ھەمدە 2010-يىلى ئوتتۇرا كىرىملىكتىن يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەمگەك كۈچى، يەر قاتارلىقلارنىڭ تەمىنات ئامىلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا ھەمدە ئېھتىياج بوشلۇقى كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقتىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يوشۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى. ئۇنداقتا جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم بولغان يېڭى سەۋىيىگە ئۆتەلەمدۇ؟


  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى نىكىراد مۇنداق دەپ قارىدى: بۇنىڭدا جۇڭگو ئىقتىسادى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئاۋۋالقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادىي ئىسلاھات جەھەتتە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆردۈم. جۇڭگو ئىشنى ئىسلاھاتتىن باشلاپ نورمال ھالەتنى يېڭىدىن بارىلىققا كەلتۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ،تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خەرىتىسى سېزىلدى.ئارقىدىن بىر يۈرۈش كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى. بۇ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىدىن ئىبارەت ئىسلاھات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپلا قالماستىن، 336 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كونكرېت تەدبىرىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.بۇنىڭ ھەممىسى يېڭى ھاياتى كۈچ ۋە يېڭى قوزغاتقۇچ كۈچ ئاتا قىلىش. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپلا قالماستىن، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەر خىللاشتۇردى. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى مەبلەغ سېلىشتىن ھالقىدى. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 2- كەسىپتىن داۋاملىق ئاشتى.خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا كۈچلۈك بولدى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7مىليوندىن ئاشتى. ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتى ئاشتى. يېڭى ھالەتكە قەدەم بېسىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ، تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە بولىدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر