باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت: ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا 2000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 5000غا يېقىن ئادەم يارىلاندى

2014.08.15 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-ئاۋغۇست، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيا ياردىمى ئاپتوموبىللىرى ۋورونېژغا يېتىپ كەلدى


  شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاۋغۇست، رۇسىيەنىڭ 280 يۈك ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەترىتى موسكىۋادىن ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىققان. بۇ ئاپتوموبىللار ئىككى كۈندە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا تەرەپ بۇ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئۇكرائىنا چېگرىسىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ماددىي ئەشيا ياردىمىنى تاپشۇرۇۋېلىش-تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنى پەقەت چېگرىدىلا تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ئۇكرائىنا تەرەپ رۇسىيەنىڭ بۇ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى «ترويان ئېتى»غا ئوخشىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارغا ياردەم قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ ، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئوي-خىياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەربىي مۇددىئاغا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن» دېيىش، ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، دېگەن.


  ب د ت تەرەپنىڭ 13-ئاۋغۇست سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئاپرېلدىن ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا جەمئىي 2086 ئادەم قازا قىلغان، 5000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر