باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى

2014.06.19 02:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خېنەن ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات قانىلى بۈگۈن تارقاتقان «ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى مەيدانىدىكى سىرلىق ‹ئوقۇغۇچى›» ناملىق خەۋەرگە قارىتا، خېنەن ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق راست بولۇپ چىققان قائىدە-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچى 165 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتاھان بەرگەنلەر 127 كىشى. ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سېلىش ۋەقەسىنى دېلو ئېچىپ ئېنىقلىشىنى ھەمدە دېلوغا چېتىشلىقلارنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بۈگۈن تارقاتقان خېنەندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سېلىش ئىشى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز خېنەن، خۇبېيغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇق ھەمدە ج خ مىنىستىرلىقىدىن يەرلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىلتىماس قىلدۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىشنىڭ راستلىقى ئېنىقلانسا، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، قىلچىمۇ يول قويۇلمايدۇ. بەلگىمىگە بويىچە، باشقىلارنى ۋاكالىتەن ئىمتاھان بەرگۈزسە ياكى ئىمتاھان بەرگۈچىگە ۋاكالىتەن ئىمتاھانغا قاتناشسا، شۇ قېتىملىق ئىمتاھاندىكى ھەممە پەنلەرنىڭ نەتىجىسى بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەمدە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ 1 يىلدىن 3 يىلغىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ۋە باشقا دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتاھانلىرىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر