باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گرېتسىيە پىرېزىدېنت بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.23 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20-ئىيۇن چۈشتىن كىيىن ئافېنادىكى پىرېزىدېنتى مەھكىمىسىدە گرېتسىيە پىرېزىدېنتى پاپولىياس بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي دوستانە سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گرېتسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى قويۇق بولۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە، ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. ئىككى دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرق ۋە غەربنىڭ قەدىمى مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى قارشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تىرىشىپ ياۋروپا قەرز كرىزىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، جۇڭگو گرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن چىڭ كۆڭلىدىن خۇشال بولىدۇ ھەمدە گرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشغا تۇرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو گرېتسىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودىغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك، ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پېيرايېۋس پورتىنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبى ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى مال يەتكۈزۈش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو گرېتسىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى ۋە ياخشى شېرىكى دەپ قارايدۇ، گرېتسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پاپولىياس مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە گرېتسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. گرېتسىيە جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى، دەپ قارايدۇ ھەمدە بىرلا جۇڭگو بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ ۋە جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پېيرايېۋس پورتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى مال يۆتكەش مەركىزى بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى خالايدۇ. گرېتسىيە جۇڭگونىڭ رايون مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغان ئىجابىي پوزىتسىيىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. گرېتسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر