خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە:يىغىندىن كۆرۇنۇش مۇساجان ياسىن،مەمەتتۇرسۇن ئىسلام خەۋىرى،فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەلىك 15-نۆۋەتلىك 4-سانلىق يىغىندا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى،مائارىپ،سەھىيە،ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،شەھەر قۇرۇلۇشى،خەلق ئىشلىرى،قاتناش،مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 273پارچە پىكىر تەلەپ سۇنغان ئىدى.
ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سۇنغان پىكىر-تەلەپنى تۈر بويىچە رەتلەپ،4-ئاينىڭ بىشىدا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك كەسپىي،مەمۇرىي ئورۇنلارغا سۇنغان ئىدى.بىر قانچە قېتىم ھاكىملار يىغىنى چاقىرىپ،ۋەكىللەر سۇنغان ھەر بىر تۈرلۈك تەلەپ-پىكىرگە ئەستايىدىل قاراپ، مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان پارتىيەنىڭ 2-قېىتملىق ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ،قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلاندى.6-ئاينىڭ 17-كۈنى چاقىرىلغان ۋەكىللەرنىڭ سۇنغان تەلەپ-پىكىرلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش يىغىنىدا ئىدارە مەسئۇللىرى تەلەپ-پىكىر سۇنغان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن يۈز كۈرۈشۇپ، ۋەكىللەرنى رازى قىلىدى. تەلەپ-پىكىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى % 80 دىن ئاشتى.
سۈرەتتە:يىغىندىن كۆرۇنۇش مۇساجان ياسىن،مەمەتتۇرسۇن ئىسلام خەۋىرى،فوتوسى。
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى