- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىرى ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا يېتەكلىمەكتە
2014.06.23 08:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، جۇڭگو ياشلىرى تورى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتە ياشلارنىڭ يۈرەك سۆزى بار» ناملىق پائالىيەت 19-ئىيۇن باشلاندى. بۇ پائالىيەت-ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت تەشۋىقات ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن تاللاپ چىقىلغان ئالتە ياش ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىنىپ، جۇڭگو ياشلىرى تورىدا ياشلار ۋە تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ئالتە ياش ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى نەق مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىنى ئايرىم-ئايرىم سۆزلەپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە بولغان چۈشەنچىسى ھەم پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر