باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

2014.06.23 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى 21-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ كومىتېت ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوب بىلەن ئۇكرائىنا دنېپ دنېپروپېتروۋىسكى ئوبلاستىنىڭ باشلىقى كولومويۋىسكىغا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋاكوب بىلەن كولوموي كخومىسك ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشقا تەشكىللىگەن. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

  رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقى بۇ كومىتېتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاۋاكوب بىلەن كولومويۋىىسكى قاتارلىق كىشىلەر 12-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن جايلاردا پۇقرالارنى قەستلەش مەقسىتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، رۇسىيەلىك مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ قازا قىلىشى، 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر