خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا چېڭدۇ دۇڭشىڭ ئاۋىياتسىيە-ساياھەتچىلىك مەخسۇس كۇرس ئىنستىتۇتىدا مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى سىتۇدېنتلار مەكتەپ ئىچى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش-زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى قۇرۇلدى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش-زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانېۋېرى ئۆتكۈزدى. بۇ ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىنى چېڭدۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋېنجياڭ شۆبىسىنىڭ ساقچىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەترەت ئەزالىرىنى ئىككى ئاي قاتتىق مەشىق قىلدۇرىدىكەن، مەشىق جىسمانىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسى مانىۋېرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى