خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدىكى ئالدىن بېيىغانلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، دىنىي زات ۋەكىلىدىن ئابدۇللا ھىسامىدىن، چاۋ ۋېي قاتارلىق بەش نەپەر دېھقان، نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتىدە جاپا چېكىۋاتقان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىلىق ساقچىخانىسىغا 103 مىڭ 500 يۈەن نەق پۇل ئئانە قىلىپ، ساقچىلارنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە مەدەت بەردى.
سۈرەتتە: گۈلئاۋات يېزا خەلق مەيدانىدا ئالدىن بېيىغانلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، دىنىي زات ۋەكىللىرى ساقچىلارغا نەق پۇل ئىئانە قىلماقتا.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى