باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يانفوننىڭ بانكا كارتا ئۇچۇرىڭىزنى «ئوغرىلىشى»دىن پەخەس بولۇڭ

2014.06.23 20:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر شياۋمى-3 ماركىلىق يانفون بىلەن سىناق قىلدى، بانكا كارتىسىنى يانفوننىڭ ئارقا يۈزىگە قويىۋىدى، يانفوندىن تىت قىلىپ ئاۋاز چىقتى، ئارقىدىنلا ئاپتوماتىك ھالدا چىقىمدان بېتىگە كىردى ھەمدە بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق نەق پۇل سوممىسى، بانكار كارتىسىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ۋە يېقىنقى ئون قېتىملىق مۇئامىلە خاتىرىسى كۆرۈندى. مۇخبىر يەنە مۇشۇ يانفون ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىنى سىناق بېقىۋىدى، يەنە يۇقىرىقىدەك ئۇچۇرلار كۆرۈندى، بەزىدە ھەتتا كىملىك نومۇرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئاخىرقى خانىسىمۇ كۆرۈندى، پۈتكۈل جەرياندا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمىدى، لېكىن كۆرگىلىلا بولدى، مۇئامىلە قىلغىلى بولمىدى.

  «2014-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10 دىن 53 مىنۇت 07 سىكونت ئۆتكەندە 500 يۈەن نەق پۇل ئېلىندى ياكى چىقىم قىلىندى»، «2014-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17دىن 20 مىنۇت 27 سىكونت ئۆتكەندە 196 يۈەنگە مال ياكى مۇلازىمەت سېتىۋېلىندى»... بانكا كارتىسىنى يانفوننىڭ ئارقا يۈزىگە يېنىككىنە تەگكۈزگەندە، يانفوندا بانكار كارتىسىنىڭ نومۇرى ۋە يېقىنقى ئون قېتىملىق مۇئامىلە خاتىرىسى كۆرۈندى، مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمىدى.

  بۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان لەتىپە ئەمەس، بەلكى مۇخبىرنىڭ سىناق ئارقىلىق دەلىللىگەن «كەمچىلىك». شياۋمى، سامسۇڭ قاتارلىق NFC (يېقىن ئارىلىقتا سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى) ئىقتىدارىغا ئىگە يانفونلارغا «چىقىمدان ھەميانى» قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق چىقىم قىلىش يۇمتالى قاچىلانغان بولسا، IC ئۆزەكلىك بانكا كارتىسىنىڭ مۇئامىلە خاتىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بىر شەھەر ئاھالىسى بۇنى كۆرگەندىن كېيىن «يۇقىرى تېخنىكا بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن، يانفون بانكا كارتامدىكى مۇئامىلە خاتىرىسىنى خوتۇنۇمدىن ئېنىق بىلىدىكەن ئەمەسمۇ!» دېدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر