باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسى شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان جايدا ئولتۇراقلىشىشىنى تەلەپ قىلدى

2014.06.24 15:32         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان جايدا ئولتۇراقلىشىشى توغرىسىدىكى پىكىر››گە ئائىت ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئائىلىسىنى باشقا شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلاردا كۆڭلىنى خىزمەت ئورنىغا قويۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىش ئورنىغا ئەگىشىپ كۆچۈرۈشتەك تۆھپە قوشۇش ۋە جاپاغا چىداش روھى بولۇشى كېرەك، مەيلى قايسى جايدا خىزمەت قىلسۇن، كۆڭلىنى قويۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شۇ جايدا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشى كېرەك. ھازىرقى شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە، ئومۇمەن خىزمەت قىلىدىغان جايدا ئولتۇراقلاشمىغانلار ئائىلىسىنى ئۆز جايىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشى، تەشكىلات تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەقىقەتەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولۇپ، جورىسىنى بىللە كۆچۈرۈپ كېلەلمىگەنلەر يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللۇشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ئائىلىسىنى خىزمەت قىلىدىغان جايدا ئولتۇراقلاشتۇرۇشى، جورىسى بىللە ئەگىشىپ كۆچۈپ كېلىشى ھەم بۇلار ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىنىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇنىڭدىن كېيىن شەھەر، ناھىيەلەردە خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يەرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە جورىسىنى يالغۇز شىئەن شەھىرى ۋە باشقا شەھەرلەرگە يۆتكىشىگە، شۇنداقلا ئائىلىسىنى شىئەن ياكى باشقا شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇشىغا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاكلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئائىت بىر قانچە مىزان›› قاتارلىق ئالاقىدار ئىنتىزام بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلارنىڭ ئائىلىسىنى مېھمانخانا، مېھمانسارايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولمايدۇ، جورىسىنى بىللە يۆتكەپ كەلگەن مەزگىللەردە جورىسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى خىزمەت، تۇرمۇشتا ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ ھەم بايقالغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر