- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بىر ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 32 زوراۋانلىق-تېررورلۇق شايكىسى بىتىچت قىلىندى
315 ئادەمگە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، 6 ج خ ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى
2014.06.24 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاتتىق زەربە بېرىلدى، بىر ئاي ئىچىدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق شايكىسىدىن 32 سى بىتچىت قىلىنىپ، 315 ئادەمگە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.
23-چېسلا مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە، ج خ ئورگانلىرى جەمئىي زوراۋانلىق-تېررورلۇق شايكىسى جىنايەت گۇماندارىدىن 380 نەچچىنى، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا چېتىشلىق 65 قاچقۇننى قولغا چۈشۈرگەن، 264پارتلىتىش قۇرۇلمىسى،3.15 توننا پارتلىتىش قۇرۇلمىسى خام ماتېرىيالى، 357 چەكلەنگەن ئەسۋابنى تەكشۈرۈپ يىغىۋالغان. 21 قارىخانا ۋە گۇمپىخانىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە قاتارلىق مەزمۇنلار ساقلانغان ۋە تارقىتىلغان كومپيۇتېر، كۆچمە ساقلىغۇچ، نۇر دېسكا ۋە دىنىي رادىكال كىتابلار ھەمدە بىر تۈركۈم زوراۋانلىق-تېررورلۇق مەشىق ئەسۋابلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى يىغىۋالغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر