باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2014.06.24 14:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك «2013-يىللىق شەھەرلەرنىڭ توردىكى ئوبرازى شەرەپ تاختىسى » پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرى «تور مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 10 ياخشىنىڭ بىرى مۇكاپاتى » غا ۋە « ساياھەت تور ئوبرازى مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن .

  «تور مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 10 ياخشىنىڭ بىرى مۇكاپاتى» ئاساسلىقى ، شەھەرنىڭ توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ، شەھەرنىڭ جامائەت پىكرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى كۆرسەتكۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆلچەم قىلىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ « ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك يېڭى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ ، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، غەربىي شىمال رايونىدىكى ‹ مەملىكەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر› شەرىپىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولۇپ قالدى » دەپ باھا بەرگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر