باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ھەممە ئادەمگە ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرەيلى

2014.06.24 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 23-، 24-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپ ‐‐ خەلق مائارىپى سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كەڭ ياشلارغا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىش ئىشىكى ئېچىپ بېرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا-ماھارەت ئۆگىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: توغرا ئىختىساسلىقلار قارىشى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك شەرەپلىك، ئىقتىدار قىممەتلىك، ئىجادىيەت ئۇلۇغ دەيدىغان دەۋر كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، مىليونلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا-ئىقتىدار ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئوقۇ-ئوقۇتۇش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تۈردىكى كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشتا، خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشنى، ئىلىم-پەن بىلىمى بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى بولۇپمۇ ساھە كارخانىلىرىنى كەسپىي مائارىپنى قوللاشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. يېزا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە ئادەمگە ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر