گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاشلىق زاپىسى ۋە ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسى ۋە باھانى تەڭشەپ كونترول قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەتقىق قىلىپ قارار قىلىندى، كەسىپدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سىياسەت تەدبىرلىرى بېكىتىلدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى داۋاملىق ئاشتى، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتا مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، ئەمما ئامبارنىڭ سىغىمچانلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن جىددىي بولماقتا، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولىۋاتىدۇ. بىرىنچى، زور مىقداردا سېتىپ ئامبارنى بوشىتىش، نىشانلىق سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش، ۋاقىتلىق زاپاس ئاشلىقنى تۈگىتىش، يېڭى ئاشلىق ئۈچۈن ئورۇن بوشىتىش كېرەك. ئىككىنچى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمىئەت كاپىتالىنى ئامباردا ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش. ئۈچىنچى، ئاشلىق تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئامباردا ساقلاش تۈزۈمىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش بىلەن تولۇقلاپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش، كارخانىلارنى كۆپ سېتىۋېلىپ كۆپ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش. تۆتىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەت بولۇپمۇ سېتىش رايونىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى چىڭىتىش كېرەك. بۇ يىل يەرلىكنىڭ زاپىسى 50 مىليارد جىڭ كۆپەيتىلىدۇ.
يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، ۋاقىتلىق زاپاس ساقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ تەدرىجىي دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى نىشان باھاسى تۈزۈمىگە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. مەركىزىي ھۆكۈمەت دانلىق زىرائەت، پاختا، مايلىق دان، شېكەر ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەڭشەيدۇ، باشقا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، دانلىق زىرائەتلەر بىلەن ئاساسي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشكە، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئىمپورت ئېكسپورت ۋە دۆلەت زاپىسىنىڭ بازاردىكى تەلەپ بىلەن ئېھتىياجنى تەڭشەشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا ھەددىدىن زىيادە تەۋرىنىش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، شەرقى قىسىمدىكى قىسمەن كەسىپلەرنى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. بىرىنچى، كەسىپنىڭ يۆتكىلىشىنى باغلاشتۇرىدىغان ياخشى«قاتتىق مۇھىت» ۋە «يۇمشاق مۇھىتنى» يارىتىش. ئىككىنچى، بازارنىڭ باش يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، شەرقى قىسىم رايونى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەك زىچ مەركەزلەشكەن كەسىپلەر ۋە پىششىقلاش، قۇراشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، بايلىق مول بولۇش ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپ قۇرۇلمىسى يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش. تۆتىنچى، كەسىپتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. غەربىي قىسىم رايونىدا غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كەسىپ سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى بازارنى ئېچىشىنى قوللاش. بەشىنچى، پەرقلىق رايون كەسىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇھىتنى ھەقىقىي قوغداش، يەر ۋە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش. كەسىپدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.