- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىككى كۈن ئىچىدە، ئالار چېگرىسىدا ئىككى قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلدى
2014.06.27 13:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ 26-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالار شەھىرى چېگرىسى ئىچىدە 25-ئىيۇندىن 26-ئىيۇنغىچە ئىككى قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، جەمئىي يەتتە ئادەم قازا قىلغان .
25-ئىيۇن سائەت 21:10 ئەتراپىدا، جېڭ XX ئېغىر تىپلىق قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئالار شەھىرىنىڭ شىنجىڭزى يولىدا كېتىۋېتىپ ، تارىم چوڭ يول ئېغىزىغا كەلگەندە ، ليۇ XX ھەيدىگەن ئىككى چاقلىق ئېلېكتروموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ، ۋەقەدە ئىككى ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان .
26-ئىيۇن سائەت 10:50 ئەتراپىدا ، رېن XX ئارىبۇس ھەيدەپ ئالار شەھىرى چېگرىسى ئىچىدىكى S207 لىنىيەسىنىڭ 82 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا ، ئۇدۇل تەرەپتىن كەلگەن جاڭ XX ھەيدىگەن ئوغۇت توشۇغۇچى ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ، نەق مەيداندا تۆت ئادەم قازا قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر