شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 26-ئىيۇن تېلېگراممىسى : جۇڭگو زەھەر چەكلەش تورى (http://www.nncc626.com) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 26-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . شىنخۇا تورى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىر ۋېي زىچۈەن ، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى ، جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىئەي ، دۆلەت زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى لى شيەنخۇي ، شىنخۇا تورى بېيجىڭ تارماق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ باۋخۇڭ ، ‹‹ نەنتۇڭ يىشى ›› جانلىقلار تېخنىكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ يوڭجۈن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
جۇڭگو زەھەر چەكلەش تورىنى دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى ، جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتى بىلەن شىنخۇا تورى بىرلىكتە ئاچقان بولۇپ ، تور سۇپىسى ۋە يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. جۇڭگو زەھەر چەكلەش تورى زەھەر چەكلەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ، زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرىنى تەشۋىق قىلىش ، زەھەرلىك بۇيۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ، توردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش قاتارلىقلار مەزمۇنلارنى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش ، زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تارقىتىش ، ئاممىنى زەھەر چەكلەش كۈرىشى ئېلىپ بېرىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا . تور بېكەت مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا تايىنىپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زەھەر توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ ، مۇھىم خەۋەر ، ۋېدىئو ، سۈرەت قاتارلىق شەكىللەردە تارقىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، جۇڭگو زەھەر چەكلەش تورى قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىس ، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ، توردا تورداشلار بىلەن سوئال -جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ، كەڭ تورداشلارنى زەھەر چەكلەشكە دائىر ئىلمىي ، ئىشەنچىلىك ئومۇمىي ساۋات ۋە زەھەر چەكلەش كۆز قاراشلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .