باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە نوپۇز ۋە ھەققانىيەت نامايان قىلىندى

2014.06.27 13:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى توغرىسىدا سۈي يۈنيەن

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 23 – ماي زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى.

  بىر ئايدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈردى، سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى جىددىي ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمىدى، ھەر مىللەت ئامما زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا توغرا، ساغلام ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈچلۈك ئەۋج ئېلىپ، ئاۋامنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. 

  زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش

  ‹‹قىلچە چىداپ تۇرماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق قول بولۇپ، مۇشتنى قاتتىق، كۈچلۈك ئېتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، سۈر – ھەيۋىمىزنى، ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى، خەلقنىڭ ئامانلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك››. 23 – ماي ئاپتونوم رايونىمىزدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلىنىپ، كۈچلۈك ۋە قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈلدى، كىشىنى غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان خىتاپنامە جاكارلاندى.

  ئاپتونوم رايوندىكى ج خ، تەپتىش، سوتتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بىرلىشىپ، 24 – ماي ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى، ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى يەنە ‹‹خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلار ۋە خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى››نى ئېلان قىلدى. 25 – ماي سەھەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ‹‹تۈن ھەرىكىتى››نى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى يوقاتتى، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتتى؛ 26 – ماي خوتەن ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى مۇھىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىدىن بىرنى يوقىتىپ، پارتلاتقۇچ ياساش ئۈچۈن تەييارلىغان 1.8 توننا خام ماتېرىيال ۋە كۆپ مىقداردىكى يېرىم تەييار پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسىنى قولغا چۈشۈردى.

  دادىل ھەرىكەت قوللىنىلىپ، كۈچلۈك زەربە بېرىلىپ، دۈشمەن قەيەردە پەيدا بولسا شۇ يەردە يوقىتىلدى. مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ جىددىي ۋە كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ‹‹تېز، مۇقىم توغرا، قاتتىق›› قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ۋەزىيىتى تېزدىن شەكىللەندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 5 – ئىيۇن بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، 23 دېلودىكى 81 جاۋابكار سوراق قىلىنىپ، 12 زوراۋان، تېررورچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى؛ 16 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بېيجىڭدىكى ‹‹28 – ئۆكتەبىر›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا 1 – سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، شۇ كۈنى ئۈچ جايدىكى سوت مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ 13 زوراۋان، تېررورچىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.

  200دىن ئارتۇق ئاساسلىق تاراتقۇ ۋە تور بېكىتىدە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە خەۋەر بېرىلىپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، يەنە مىكروبىلوگدا كۆپ قېتىم يوللاندى، ئالقىشلاندى ۋە تارقىتىلدى، تور ئەھلى زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ھۆكۈمنى قەتئىي ھىمايە قىلدى. ئۈرۈمچى ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات مۇھەممەد: ‹‹ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ھەق، ئۇلار جاجىسىنى يېدى!›› دېدى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى موللا شىرىپ: ‹‹ئۇلارنىڭ جازالانغىنىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم! بىز زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز!›› دېدى. بۇ گەپ – سۆزلەرگە ھەققانىيەت ساداسى، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنگەنىدى.

  قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيى قوغدالدى، خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك نامايان قىلىندى. 23 – ماي ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارمىيە، ساقچى، خەلق بىرلىشىپ، قوراللىق چارلاش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ 9 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹تەڭرىتاغ – 2014›› تېررورلۇققا قارشى ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، تاسادىپىي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دېلونى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈندىلىك ھەر خىل چارلاش – تىزگىنلەش كۈچى 100 مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ، قوراللىق سەييارە چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاۋاتقان دائىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئورۇنغا ئىككى مىنۇتتا، مۇھىم ئورۇنلارغا بىر مىنۇتتا يېتىپ بارالايدۇ. 21 – ئىيۇن سەھەردە بىر توپ زوراۋان ئاپتوموبىل بىلەن قاغىلىق ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئىشخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ھەم پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى، خەلق ساقچىلىرى دېلونى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، 13 زوراۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئۈچ خەلق ساقچىسى يېنىك يارىلاندى، ئامما ئارىسىدا تالاپەت كۆرۈلمىدى.

  كۈچلۈك تەھلىكە نەتىجىسىدە، مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ئون نەچچە قاچقۇن ۋە جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

  كۈچلۈك داغدۇغا پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتتە توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش

  ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، كۈچلۈك ھەم قەتئىي ئىرادە بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىش دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇپ روناق تاپقۇزۇش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى تۈزەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئامما ئالدىدىكى مۇقەددەس ئەھدىمىز!››. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق پېشقەدەم رەھبەرلەر 24 – مايدىن بۇيان گېزىتىمىزدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىلھام بەردى.

  مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار، دىنىي زاتلار، قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قاتتىق ئەيىبلەپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشتا كۈچلۈك جامائەت پىكرى مۇھىتى شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشىنىڭ ماھىيىتى، قەبىھ مۇددىئاسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئېغىر رېئال زىيىنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، قانۇن بويىچە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەدبىر – تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھەر مىللەت ئانىلار بىرلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئانىلارغا ئوچۇق خەت يېزىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى شىكايەت قىلدى ۋە ئەيىبلىدى؛ لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك بىلەن كەنت ئاھالىسى ئوچۇق خەت يېزىپ، زوراۋان – تېررورچىلار ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېدى؛ زوراۋان – تېررورچىلار تەرەققىياتقا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، تەرەققىيات قەدىمىمىزنى شۇنچە تېزلىتىمىز چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 13 ئوقۇغۇچى بىرلىشىپ يازغان خېتىدە ئاممىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

  جامائەت پىكرى بازىسى مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرىكەتنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز، ھەتتا مەملىكىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇلار بۇ ھەقتە ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ، ھەرقايسى قاتلام، ئوخشىمىغان ئامما، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى ئارقىلىق زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشرىسىنى ئاممىغا ئېنىق تونۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى چېن تۇڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان تەپسىلاتلاردىن، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتە ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ دەپ ئايرىمايمىز، قەيەردە ئادەم كۆپ بولسا شۇ يەردە قول سالىمىز، دېگەنلىكىنى بىلدۇق. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتكە قارشى ماھىيىتىگە بولغان تونۇشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىش نەتىجىسىدە، ھەر مىللەت ئامما دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى ھەم دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى يوقىتىشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ‹‹زوراۋان، تېررورچىلار دىن تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ھەم قانۇننى ئاياغ – ئاستى قىلدى ھەم ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنى ياخشىلىققا، دۆلەتنى، دىننى سۆيۈشكە ئۈندەيدىغان ئاساسىي مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلدى››، ‹‹يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان ھەر بىر يامان ئىشى ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ››... 70 تىن ئارتۇق دىنىي زات 4 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى مەسچىتىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، بۇرمىلانغان ‹‹<غازات> يولىدا شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىرىش›› سەپسەتىسىنى ئەيىبلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا دىنىي ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقات ئارقىلىق ھەقىقەت نامايان قىلىنىپ، ھەققانىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى، قىسمەن ئاممىنىڭ مۈجمەل تونۇشى ئايدىڭلىشىپ، ئاز ساندىكى كادىرلارنىڭ پوزىتسىيەسى توغرىلىنىپ، ھەققانىيەت ئارقىلىق ناھەقچىلىقنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ نامايان قىلىندى.

  مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 11 پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچىسى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۈچ كادىرنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي بولماي، كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىغاچقا، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، مەلۇم ئورگاندىكى ئەكسىيەتچىل پىكىر بايان قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان ئىككى خىزمەتچى ئەدلىيە ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يول ئېچىش، قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق، كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللىنىپ، ئامانلىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› ھەرىكەت ھەم ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى ئازايدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ غەيرىتى ئاشتى. ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن ئامما ئىلگىرى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ھەتتا سەنئەت نومۇرلىرىنىمۇ خاتىرجەم كۆرەلمەيتتى، ھازىر زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ناتوغرا ئىستىللار چەكلىنىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئاشتى.

  ئومۇمىي خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، پولات قورغان ھاسىل قىلىش

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 18 – ئىيۇن خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيەسىدىكى ‹‹زوراۋان ئۇنسۇرلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان›› ئاممىغا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئۈلگىلىك كوللېكتىپ›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى ھەم ئۇلارنى تەقدىرلىدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى.

  زوراۋان – تېررورچىلار 15 – ئىيۇن خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر شاھماتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىگۇناھ ئاممىنى غالجىرلارچە ئۇرۇپ – چاپتى، نەق مەيداندىكى ئامما ئۇلارغا باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەردى، قوراللىق چارلاش ساقچىلىرى 80 سېكۇنتقىچە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، ساقچىلار ئامما بىلەن بىرلىكتە زوراۋان – تېررورچىلارنى بويسۇندۇردى.

  بەزى تاراتقۇلاردا ‹‹زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى›› دەپ ئاتالغان گۇما ناھىيەسىدە، ئامما زوراۋان – تېررورچىلارنى ئۇچراتقاندا ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن قورشاپ، قوغلاپ، توسۇپ، ئۈچ زوراۋان – تېررورچىنى تۇتۇپ، بىر قىسىم قاتىللىق قوراللىرى ۋە 12 پارتلاتقۇچنى قولغا چۈشۈردى.

  ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. 26 – ماي ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى بىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، 18 يەشىك پارتلاتقۇچنى قولغا چۈشۈردى؛ 10 – ئىيۇن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى بىر دىنىي زاتنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، بىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، زور مىقداردىكى قاتىللىق قوراللىرى، پارتلاتقۇچ ۋە قانۇنسىز كىتابلارنى قولغا چۈشۈردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى ئامما پاش قىلغان 400دىن ئارتۇق دېلو يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئون نەچچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى شايكىسىنى بىتچىت قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھەممە كىشى قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىكى ئاۋانگارتلارغا ئايلاندى. 80 – يىللاردا تۇغۇلغان ساقچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ما ۋېنجۈەن 4 – ئىيۇن مىكرو بىلوگدا ئېرىگە خەت يوللاپ: ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يولىدا، ھەممىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم سىزنى چۈشىنىش ۋە قوللاش››، دېدى. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەر مىللەت ئامما قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللىدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ دېھقانلار ۋەكىللىرى يىغىنىدا، كوللېكتىپ مەبلەغ چىقىرىپ مۇقىملىقنى قوغداش چارلاش ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قوللاش قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ ئونسۇ ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىدىكى 12 دېھقان ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ 22 موتوسىكلىت سېتىۋېلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلدى؛ بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى قىشلىقئارال كەنتىدىكى دېھقان مەمەت ئەمەت قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن، بالىسىنى يەسلىگە ئاپىرىش – ئەكىلىش ئىشىنى قوشنىسىغا ھاۋالە قىلىپ، ساقچىخانىدىكى ساقچىلارغا خالىس ئاشپەز بولدى.

  ‹‹ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ كەسپىنىڭ، ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار››.

  ‹‹بىز قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تەشۋىقاتچى، ئاخباراتچى، نۆۋەتچى، چارلىغۇچى بولۇشىمىز كېرەك!››.

  تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنى خەلق قىلىدۇ، ھەر مىللەت ئامما زىچ ئۇيۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ‹‹بىپايان دېڭىزى›› نى ھاسىل قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا يوشۇرۇنىدىغان تۆشۈك، قاچىدىغان يول قالدۇرماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر