كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن چاۋشيەن يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرغان ، توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ، كورىيە بىرلەشمە ئىشتابى باش بۆلۈمىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەردە چاۋشيەننىڭ شەرقىدىكى شەھەر ـــ ۋونسەن بەلبېغىدىن شەرقىي دېڭىزغا قارىتىپ ئۈچ دانە قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىمنى قويۇپ بەرگەن .
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، كورىيە بىرلەشمە ئىشتابى باش بۆلۈمىدىكى بىر ئالاقىدار خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەردىن باشلاپ ۋونسەننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن شەرقىي شىمال يۆنىلىشىتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتىپ ئۈچ دانە قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىمنى قويۇپ بەرگەن . بۇ ئۇچار جىسىملارنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى تەخمىنەن 190 كىلومېتىر . نۆۋەتتە كورىيە تەرەپ ئۇچار جىسىملارنىڭ تۈرلىرى ۋە چاۋشيەن تەرەپنىڭ غەرىزىنى ئانالىز قىلماقتا .