پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: 25-ئىيۇن، كۇچا تاشيول شۆبە ئىدارىسىدىن دۆڭقوتان بازىرىنىڭ قوشئېرىق، قارابۇقا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت تەۋەسىدىكى 65 نەپەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قەسەم بېرىپ ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى.