گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلدى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ـــ ئورتاق قۇرۇش ، ئورتاق بەھرلىنىش بىلەن ئورتاق بېيىش ، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ يېڭى پۇرسىتى ›› ، شۇنداقلا ‹‹ يىپەك يولى : ئۆتمۈش ، بۈگۈن ۋە ئەتە ›› بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىندى ، ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزپ ئورتاق بېيىيدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى ›› قاتارلىقلار تارماق مۇھاكىمە تېمىسى قىلىندى . ئىككى كۈن ئېچىلىدىغان بۇ يىغىنغا جۇڭگو ۋە رۇسىيە ، قىرغىزىستان ، قازاقىستان ، گېرمانىيە ، بېلگىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئەزىز مېھمان قاتناشتى . جۇڭگو تورى خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە ، رۇسچە تىللاردا يىغىننى خەۋەر قىلدى .