- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
2014.06.24 14:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى بۇ يىل 210 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، يېڭىدىن سەككىز مەكتەپ سالىدىكەن ياكى كېڭەيتىپ ياسايدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەسىگە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يېكەنكۆل تەۋەسىگە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان بولۇپ ، كېلەر يىلى سېنتەبىردە رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .
بۇلاقتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نى فاڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن سېلىنىدىغان بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ ھەربىرىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ ، ھەر بىرىگە 24 سىنىپ تەسىس قىلىنىپ ، 1080 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدۇ » .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇلاردىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41- ، 64-، 53-، 54-، 59- 121- باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلانغان بولۇپ ، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ « مائارىپتا كۈچلۈك رايون (ناھىيە) » بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، بارلىق مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن باشقا ، مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر تۈركۈم يەسلىلەرنى سېلىپ «يەسلىگە كىرىش تەس ، يەسلى ھەققى يۇقىرى بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن. 2014-يىلى بۇلاقتاغ رايونى يەنە «باغچە» يولى تەۋەسىدە ۋە كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەسىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەھەللىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىككى يەسلى سېلىپ، تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر