- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى
ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
2014.06.24 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-ئىيۇن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. بۇ 2009-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ.
لايىھەدە ئەڭ قاتتىق بولغان پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قانۇنىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلار ھەمدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى-تىجارىتى جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارغا قارىتا، نىشانلىق تولۇقلاش، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى كۈچەيتىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر