باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن 172 نى قۇردى

2014.06.24 15:33         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بەزى كىشىلەر خىزمەت تېپىشقا بېشى قېتىپ تۇرغاندا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن كىشى شۇ جايدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىلىرىدا ‹‹خوجايىن›› بولدى. ھازىر گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر 172 ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 12 مىليون 490 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالدى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 2011– يىلى ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، بۇلتۇر يەنە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى باھالىدى، باھالانغان يەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ھەر بىرىنى 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر