باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى باشلاندى(1)

2014.06.26 11:58   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى باشلاندى(1)

  دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل بايرىمى 25-ئىيۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل بايرىمى 25-ئىيۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ئاساسىي كۆرگەزمە رايونىدا جۇڭگو، ئامېرىكا، گىرېتسىيە، نېپال، تۈركىيە قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى 18 دۆلەتتىن كەلگەن 132 سەنئەتكارنىڭ 167 پارچە قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە دۆلەت دەرىجىلىك سەنئەت يىغىلىشى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت خاراكتېرلىك بىردىنبىر قوش يىل كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياۋ شاۋجۈن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكېن سىيىتقامزا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندانى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جياجۇ، شۇنداقلا جۇڭگو-چەت ئەللىك مېھمانلار، سەنئەتكار ۋە ھەر مىللەت ئېكسكۇرسىيەچىلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…