باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىشنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى

2014.06.26 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىشنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى زەھەر جىنايىتى دىلوسىدىن 43 مىڭ 180نى قۇبۇل قىلىپ، بۇنىڭ 37 مىڭ 186سىنى سوتلاپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئېشىپ كەتتى. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۇن جۈنگۇڭ مۇنداق دېدى: ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان زەھەر جىنايەتچىلىرى دىلولىرىنىڭ ئىچىدە، ئۈلۈم جازاسى بېرىشكە مۇۋاپىق كەلگەنلىرىنى قەتئىي ھالدا قانۇن بويىچە تەستىقلاپ، ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن زەھەر جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاشقا كاپالەتلىك قىلدى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش كوللۇگىيىسىنىڭ باشلىقى چېن گوچىڭ مۇنداق دېدى: زەھەر جىنايەتلىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى، بولۇپمۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى زەھەر سېتىشقا ئۆگەتكەن، سوبىكتىپ خاراكتېرى ئېغىر، ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈش خەتىرى چوڭ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە تېزدىن قولغا ئېلىپ، تېز شىكايەت قىلىپ، قاتتىق جازالاشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر