باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقئارا «يىپەك يولى» ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى

2014.06.27 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 25 – ئىيۇن رۇسىيە، سىنگاپور، قىرغىزىستان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ساياھەت مۇتەخەسسىسلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا «يىپەك يولى» ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا «يىپەك يولى» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «يىپەك يولى ساياھىتى پىلانى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ھەمدە «‹يىپەك يولى› ساياھىتى ئۈرۈمچى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار (مۇھاجىرلار) ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق ھالدا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ 5 – نومۇرلۇق ھۈججىتىدىكى «شىنجاڭنى ‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى› دىكى ساياھەتچىلەر يىغىلىپ، تارىلىش مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك مۇھىم، چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش مۇھىم تېما قىلىنغان.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن قەدىمىي «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم يول بولۇپ، 5 مىڭ كلومېتردىن ئارتۇق قەدىمىي «يىپەك يولى» دا نەچچە يۈزلىگەن قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، قەبرىلەر، مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم ئېغىزى. 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ 223 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ يەتتىگە، تۆت A دەرىجىلىك سەيلىگاھ 50 گە، ئۈچ A دەرىجىلىك سەيلىگاھ 82 گە يەتكەن.

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ يىلى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر سېنتەبىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتىدە ئورتاق ھالدا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. بۇ يىل مايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قايتىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا يول كۆرسەتتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ چېگرا ساياھەت بازىرى تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىپ باردى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام بويىچە «يىپەك يولى» ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ساياھەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا زور پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ يىغىن شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بىز يەنە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يىپەك يولى» ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قولمۇ – قول تۇتۇشۇپ «يىپەك يولى» خەلقئارا ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىمىز.

  يىغىن جەريانىدا موڭغولىيە، ئافغانىستان، ئىران، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت تارماقلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى «يىپەك يولى» ساياھەتچىلىكى ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر