باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش

2014.06.30 13:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش

  فېڭ جېن، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 27 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى، يىغىندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 دۆلەتتىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم، ئەمەلدار، كارخانىچى ۋە تاراتقۇ خىزمەتچىسى قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ يېڭى پۇرسىتى›› دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر، مول نەتىجىلىك مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  يىغىندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى:

  بىرىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئورتاق گۈللىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئالدى بىلەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت بەلبېغى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، شەرق – غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئىقتىدارغا ئىگە.

  ئىككىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، نەچچە مىليارد نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ھازىر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل – پاراسەتنى توپلاپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم. بولۇپمۇ ھازىرقى قۇرۇلۇش باشلىنىش باسقۇچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، كارخانا، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىنى، تېخىمۇ مۇھىمى كونكرېت ھەمكارلىق تۈرلىرىدىن ئىش باشلاپ، پۇختا، مۇقىم ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىشىش جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياخشى مۇھىت ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە. تىنچ بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان رايون ئاساسىي ۋەزىيىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى مۇھىت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ ياۋروپا – ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئىقتىساد – سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.

  يىغىندا يەنە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە – ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ياخشى باشلىنىش بولدى دەپ قاراپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ مول شەكىل، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مۇھاكىمە ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىكى تونۇشى، چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش جەريانىدا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ ھەم يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار ئۇچۇر تارقىتىشتىكى ۋاسىتە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قاتناشقۇچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرگە ئايلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر