باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يولداشقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نام بېرىلدى

2014.06.30 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «ۋاڭ شېڭ، يۈ خەيخې، بى شىشياڭ، ۋېن جاۋروڭ قاتارلىق تۆت يولداشقا مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى دېگەن نامنى بېرىش قارارى»نى چىقاردى. قاراردا مۇنداق دېيىلىدۇ: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلاردا خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىشلىگەن بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تىپلىرى بارلىققا كەلدى، ۋاڭ شېڭ، يۈ خەيخې، بى شىشياڭ، ۋېن جاۋروڭ قاتارلىق تۆت يولداش بۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار ھاياتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئايلاندى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ۋاڭ شېڭ، يۈ خەيخې، بى شىشياڭ، ۋېن جاۋروڭ قاتارلىق يولداشلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. نۆۋەتتە، 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋاڭ شېڭ قاتارلىق تۆت يولداشنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاۋانگارت نەمۇنىچىلارنى ئەينەك قىلىپ، تۆت ناتوغرا ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ ۋە ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر