باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسترونوملار يەرشارى چوڭلۇقىدىكى «ئالماس تۇرغۇن يۇلتۇز» نى بايقىدى

2014.06.30 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار چوڭلۇقى يەرشارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان بىر دانە سىرلىق تۇرغۇن يۇلتۇزنى بايقىدى، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ بىر مۇكەممەل «غايەت زور ئالماس» ئىكەن.

  ئۇ بۈگۈنگە قەدەر بايقالغان تىمپۇراتۇرسى ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ قاراڭغۇ ئاق مىتە يۇلتۇز ئىكەن، تىمپۇراتۇرسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا بۇ پىلانتتىكى كاربون ماددىلىرى كىرىستاللىشىپ ئالەم بوشلۇقىدا چوڭلۇقى يەرشارى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان «ئالماس تۇرغۇن يۇلتۇز» بولۇپ قالغان. ئامېرىكا ۋىسكونىس ئونۋىرسىتىتى مىلۋو تارماق مەكتىپىدىكى داۋىد كەپىلان پىروفېىسور : «بۇ بىر ئالاھىدە پىلانىت،ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇيەردە بار، لېكىن ئۇ ناھايىتى قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ناھايىتى تەستە بايقالدى» دېدى.

  كەپلان ۋە خىزمەتداشلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاستىرنومىيە ئىستانسىسى NRAOدا يىشىل قىرغاق رادىئو تىلسكوپى ۋە ئالاھىدە ئۇزۇن ئاساسىي لىنىيە تىزلىملىق رادىئو تىلىسكوپ ئارقىلىق بۇ «ئالماس تۇرغۇن يۇلتۇز» نى بايقىدى.

  «ئالماس تۇرغۇن يۇلتۇز» نىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا كاربون ۋە ئوكسىگىن، ئاق مىتە يۇلتۇزى نەچچە مىليارد يىلدىن بۇيان پەيدىنپەي سوۋۇپ، پەيدىنپەي خىرەلەشكەن. بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز بەلكىم سامانيولى سىستېمىسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا پەيدا بولغان بولىشى ، تەخمىنەن 11 مىليارد يىل بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر