ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى جۇڭگو گېزىتى تورى 27-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئىراقنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۇرىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقتىكى سۈننىي مەزھەپ توپىلاڭچىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى 25-ئىيۇن دەلىللىگەن، بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلار توقۇنۇشى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرنى ئىراققا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. سۇرىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى 24-ئىيۇن ئىراقنىڭ غەربىدىكى مۇھىم چېگرا شەھىرى قائىم ئەتراپىدا ‹‹ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى››(ISIL)نىڭ توپىلاڭچىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان. قائىم سۈننىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ شەھىرى بولۇپ، قائىم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى بومباردىماندا 17 ئادەم قازا قىلغان.