باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭ جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2014.07.02 00:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 29-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگكىن بىلەن بىرلىكتە خاربىندا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك كۆرۈشۈش كومىتېتى ئىككى تەرەپ رەئىسلىرى كۆرۈشىشىگە قاتناشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سەھنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى رۇجەك، جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەيدىغان يېڭى بەلگە قىلىشنى ھەمدە رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئىمىد قىلدى.

  روگكىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىشىش مىخانىزمى ۋە كۆرگەزمە سەھنىسىنىڭ رولىنى پائال جارىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد سودا بولۇپمۇ ئىستراتېگىيىلىك چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر