باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئامېرىكىدا ئوقۇپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ياش كارخانىچى ئابدۇلخەبىر(1)

2014.07.02 13:20   مەنبە: خەلق تورى

  

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئابدۇلخەبىر تولۇق ئوتتۇرىنى بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئۇ بىر يىل تىرىشىپ ئۆزىنىڭ خەنزۇتېلى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى ، ئوقۇش باشلىنىپ بىرىنچى قېتىمقى ئىمتىھاندا ئىنگلىزچىدە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 70-بولدى، بىر يىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىنگىلىزچىدە 141نومۇر بىلەن لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپى بويىچە بىرىنچى بولدى، ئۇ باشقىلاردىن 10ھەسسە ئارتۇق تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىدا MBA دە بىلىم ئالدى .

  ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، 2014يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇيورك بىندۇم مەدەنىيەت بايرىمىدا، ئابدۇلخەبىر ئۇيغۇر كۆرگەزمە ئېلانى چىقاردى، ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى،تەنتەربىيەسى، مۇزىكىسى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ كەلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىپ بەردى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى بولغان مۇقامنى ئاڭلاتتى، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭدەك بۇنداق گۈزەل نامايان قىلىشتا مىنېڭچە ئابدۇلخەبىر بىرىنچى بولىدۇ. FOX NEWS مۇخبىرلىرى ئابدۇلخەبىرنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ ئەگەر ھەربىر ئۇيغۇر ياش بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرسا، بۇ ئۆز مىللىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىق بولاتتى دېدى.

  ئۇ ئامېرىكنىڭ ئەڭ ئاۋات، ئىقتىساد ئەڭ تەرەققي تاپقان دەۋر مەيدانىدا تۇرغان ، ھازىر ئۇ ئامېرىكا يىپەك يولى HOLD مائارىپ گۇرۇھىنىڭ تۇنجى ئىش يۈرگۈزگۈچىسى، قوشۇمچە بېيجىڭ HOLD خەلقئارا مائارىپ مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ تۇنجى مەسلىھەتچىسى،ئاقسۇ راۋا شىركىتى ۋە راۋا فۇندىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۆزىنىڭ يۇرتى ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، راۋا سودا شېركىتى قۇردى، ھەم شۇيەردىكى Bwin توپ كوماندىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى ، مائارىپ فوندى تەسىس قىلىپ، كەلپىن ناھىيەسىدىن چىققان ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپات بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يەنە راۋا سودا شېركىتىنىڭمۇ ئارزۇسى. ھازىر ئۇ بېيجىڭدا ئېلىم ھېرىسمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چەتئەلگە چىقىش ئارزوسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىرقى ياشلارغا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەديە قىلدى: تىرىشسىڭىز، سىزمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز، if I can,you can too .

مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ