باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ

2014.07.01 19:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «ئىسلاھ قىلىنغان»دىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش يېڭى سىياسىتى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن.

  تەڭشەش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى بىلەن نومۇر قىممىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى ئىلگىرىكى يىللاردىكى 124 تۈردىن 2014-يىلدىكى 86 تۈرگە ئازايتىلغان بولۇپ، 3تىن بىر قىسمى كېمەيگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىدە ساختىلىق قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ساختىلىق قىلىش، كۆز بوياش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار بايقالغان ھامان شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش ياكى قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى قەتئىي بىكار قىلىنىدۇ، ئوقۇشقا كىرىپ بولغانلارنىڭ ئوقۇشى بىكار قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپقا كىرگۈزۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش جەريانىدا بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار خىزمەتچىلەر بايقالغان ياكى پاش قىلىنغان ھامان، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەتتا خىزمىتىدىن بوشىتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ساختا سالاھىيەت ياساشقا قاتناشقان ياكى تەشكىللىگەن قانۇنسىز ۋاسىتىچى ئورگانلارغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاخىرىغىچە تەكشۈرىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر