باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوچۇق خەتتە زىيالىيلارنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى

2014.07.01 13:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي 200 نەچچە ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە ئىلىم ئەھلى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز››، دېگەن ئوچۇق خەت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: زىيالىيلار بىلەن جامائەت ئەربابلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي كۈچلىرىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ مۇھىم رولى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ ئايان بولىدۇ. جەمئىيەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. كەسپىي ساھەنىڭ چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاممىۋى ساھەدە ئىجتىمائىي تەرتىپنى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداپ، ھەر ۋاقىت تارىخىي بۇرچ ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: ئوچۇق خەتتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش قەتئىي پوزىتسىيەسى ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد روشەن نامايان قىلىنغان. ئوچۇق خەتتە يەنە زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ھەققانىي سۆز ۋە قورقماس جاسارەت نامايان قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تارىخىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايان بولدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەسكىن ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەندە نامايان قىلغان تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر زىيالىيلار ھالقىلىق پەيتتە رەزىللىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جاسارىتىنى نامايان قىلدى. ئۇلار ئوچۇق خەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن سىرت، يەنە ‹‹ھەرىكەتكە كېلەيلى! زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يىلتىزىدىن يوقىتايلى. ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، گۈزەل ئەتىمىزنى كۈتۈۋالايلى›› دەپ جاراڭلىق نىدا قىلدى. بىز بۇنى قوللاپلا قالماي، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشكە ھەرىكىتىمىز بىلەنمۇ ئاۋاز قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكىم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر