باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىرىك ئۇنسۇرلارغا مۆكۈنگۈدەك جاي قالدۇرمايلى

2014.07.01 19:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 30-چېسلا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «شۈ سەيخوۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەمدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۈ سەيخوۋغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش، پارىخورلۇققا چېتىلىش مەسىلىس ۋە مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق بەرگەن ھەربىي تەپتىشلىك ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  شۇ كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى تەتقىق قىلىش ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، جياڭ جيېمىن، لى دۇڭشېڭ، ۋاڭ يۇڭچۈنلەرگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا تەستىقلاشقا سۇنۇشنى قارار قىلدى؛ مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ئۇلارنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بەردى؛ جىنايەتكە چېتىلىش مەسىلىسى ۋە مەسىلە يىپ ئۇچى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  شۈ سەيخوۋ، جياڭ جيېمىن، لى دۇڭشېڭ، ۋاڭ يۇڭچۈن قاتارلىقلار پارتىيە، ئارمىيە، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىناۋىتى ۋە نوپۇزى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس. ئۇلارنىڭ موللاق ئېتىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ ئىنتايىن قەتئىي ۋە تەۋرەنمەس ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر