باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز

2014.07.01 14:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ‹‹ئوچۇق خەت›› توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  مايگۈل ئايتقازى خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹نۆۋەتتە شىنجاڭ دىن ئەسەبىيلىكى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا ۋە تارىخنى بۇرمىلىماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر يازغۇچىلار تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يۈرەك سۆزىنى ئېيتىشى كېرەك، بۇ مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى››. 27 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەت›› تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى، تەرجىمان بىرلىكتە ھەققانىي سادا بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ، ئاممىنى تېررورلۇقنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ، ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا يېتەكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، داڭلىق ئالىم ئازات سۇلتان سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىلىم ئەھلى، زىيالىيلارنىڭ ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمى بار، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ. شۇڭا ئۇلار ھەققانىي سادا بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دۇنيانى كۆزىتىشى، مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك، بۇ خىزمەت مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

  قەشقەرگە تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، داڭلىق شائىر، تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى مۇنداق دېدى: دېھقانلار ماڭا يۇرتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەممىمىزگە ئايان، ئاز بىر قىسىم زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بىزنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

  ‹‹سىز ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، زىيالىي بولسىڭىز، ھەر ۋاقىت توغرا ئىپادە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەرگە قانداق ياشىغاندا ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. باشقىلار پىكىر بايان قىلمىسا مەيلى، لېكىن سىز چوقۇم توغرا ئىپادە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز مىللەت ئىچىدىن چىققان قابىلىيەتلىك كىشى، نۇرغۇن كىشى سىزنى ھەققانىيەتنىڭ نامايەندىسى دەپ قارايدۇ››. ئىمىن ئەھمىدىنىڭ قارىشىچە، ‹‹ئوچۇق خەت›› كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

  داڭلىق يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن خالىي بولۇشى ئۈچۈن، قەلىمىم ئارقىلىق كىشىلەرگە دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھالاكەت يولىغا باشلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. بىز تەنقىد قىلىشىمىز، بايرىقىمىز روشەن ھالدا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ، توغرا قاراشنى ئىپادىلەپ بېرىشىمىز كېرەك.

  شائىر، ئوبزورچى، يازغۇچى ئابلەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ قاچاندىن باشلاپ يامراپ كەتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ‹‹ئوچۇق خەت›› دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپتۇ. بىز دىن تونىغا ئورۇنۇۋالغان بۇ دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ قەبىھ ۋاسىتە ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى – تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ، بىزنى ئىپتىدائىي، يېپىق، قاراڭغۇ ھالەتكە قايتۇرىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا پۈتۈنلەي زىت.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىش تېررورچىلارنىڭ مەقسىتى. ئۇلار مىللەتنىڭ گۇناھكارى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ ھەقىقىي دىن ئەقىدىسىنى بىلدۈرۈشىمىز، ئۇنى بۇرمىلىماسلىقىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر