- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
2014.07.01 18:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-ئىيۇن يىغىن ئېچىپ، «مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى، مالىيە ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم تىرىكى، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا باشتىن-ئاخىر ئۇللۇق، تۈزۈلمىلىك، كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. پارتىيەمىز تارىختىن بۇيان مالىيە خىزمىتى ۋە مالىيە-باج ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان مالىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ. يېڭى نۆۋەتلىك مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئىسلاھات بولۇپ، ئومۇمىيەتنى، يىراق كەلگۈسىنى ئاساس قىلغان تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشتۇر.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر