باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭدىن شيامېنغا پويىزلىق بىر كۈندىلا بارغىلى بولىدۇ

2014.07.01 19:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، تۆمۈريولدا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى 19.5 جۈپ پويىز كۆپەيتتى، بۇنىڭ 15 جۈپى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز. بېيجىڭدىن جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شيامېن شىمالىي ۋوگزالىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تۇنجى قېتىم سەپلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1-ئىيۇل يازلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىدۇ، بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بىر قىسىم تېز پويىزلارنىڭ نامىدىكى باش ھەرپنى Dدىن Gغا ئۆزگەرتتى.

  بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى 19.5 جۈپ پويىز كۆپەيتتى، بۇنىڭ 15 جۈپى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز. بېيجىڭدىن جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شيامېن شىمالىي ۋوگزالىغا بارىدىغان G165/6 نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تۇنجى قېتىم سەپلەندى، بۇ پويىز فۇجوۋ جەنۇبىي ۋوگزالى، پۇتيەن، چۇەنجوۋ قاتارلىق بېكەتلەردىن ئۆتىدۇ. G165 مىسالغا ئالساق، ئەتىگەن سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، كەچ سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شيامېن شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىنى 12 سائەت 45 مىنۇتتا بېسىپ بولىدۇ، بېيجىڭدىن شيامېنغا بىر كۈندىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر