باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمىللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تەلىپىنى پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

2014.07.01 19:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئىستىل تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 16-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ـ‐‐ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا، ھەم نۆۋەتتىكى كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشىمىز كېرەك، ئەجىر قىلىشىمىز، كۈچ چىقىرىشىمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 93 يىللىقى ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر