باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە جەڭ ئېلان قىلايلى

2014.07.01 13:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى ۋە تەرجىمان ئۇيغۇرلار ئارىسدىكى يېتىلىۋاتقان 200 نەچچە يازغۇچى، تەرجىمان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئېلان قىلغان ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز›› ناملىق ئىمزالىق ئوچۇق خەت يامان ئاتاققا قالغان، ھاقارەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى غەزەپلىك چوقان – سۈرەنلىرىگە، يورۇقلۇق ئەلچىلىرىنىڭ زۇلمەت كۈچلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى 11 ئۇيغۇر ئىستۇدېنت يېقىندا بىرلىكتە ئېلان قىلغان ‹‹بىز ئەمدى سۈكۈت قىلمايمىز›› ناملىق ئىمزالىق ئوچۇق خەت بىلەن 14 شىنجاڭلىق ياش ئېلان قىلغان ‹‹ياشلىق جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلايلى›› ناملىق ئوچۇق خەتتە زوراۋان – تېررورچىلار قاتتىق ئەيىبلەندى، 200 نەچچە كىشىنىڭ ئىمزالىق ئوچۇق خېتى شىنجاڭلىقلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى جەڭ سىگنالىنى ياڭراتتى؛ ياش ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ يازغۇچى، ئالىملارغىچە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، تېخىمۇ كۆپ كىشى قەسەم بېرىپ، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، قەلەمنى قورال قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇپ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىدىغان ھەققانىي كۈچنى ئېنىق ئىپادىلىدى.

  ھەققانىي كۈچنى تېخىمۇ كۆپ توپلاپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭ روھىي بېسىم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېقىندا خوتەندىكى قارتا – شاھماتخانىدا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا قاتنىشىپ تۇتۇلغان زوراۋان مۇنداق دېدى: ‹‹بۇنداق كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىشىمىزنى ئويلىماپتىمەن، ئەينى ۋاقىتتا بەكلا قورقتۇم››. ئېنىقكى، تېررورچىلار ئەزەلدىن تېشى پال – پال، ئىچى غال – غال بىرنېمىلەر. ئامما ھەققانىي سادا بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشسا، تېررورچىلار ھەددىدىن ئېشىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟

  200 نەچچە زىيالىينىڭ ئىمزالىق ئوچۇق خېتى دەۋرىمىزنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بىلىمى مول، يىراقنى كۆرىدۇ، ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوچۇق خېتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دۇنيانى، مەسىلىلەرنى توغرا تونۇشىغا، زورراۋان – تېررورچىلارغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر