باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.04 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرىغا قاتناشقىلى كەلگەن چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ھەم 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش-جۇڭگو بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ھەم ياۋروپا، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق، جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش روھىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تاراتقۇلار-ئەلرايىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، بىز مۇنبەرنىڭ ئىجابىي رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا ياخشى ئادىمىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر