باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەرەب بالا ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى

2014.07.04 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 2-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلىرىنىڭ بىر ئەرەب بالىنىڭ شەرقى ئىرۇسالىمدا زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەسىنى ئىمكان قەدەر تېز تەكشۈرۈشى ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.

  تۈنۈگۈن سەھەردە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىرۇسالىمدىكى ئورمانلىقتا بىر ئەرەب بالىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: بۇ جەسەت بايقىلىشتىن بۇرۇن، ساقچىلار مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالدى، ۋەقەنى كۆرگۈچى بىر ئەرەب بالىنىڭ شەرقى ئىرۇسالىمدا بولۇنۇپ، بىر ئاپتوموبىلغا چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ساقچىلار ھازىر بۇ جەسەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئەرەب بالا بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئەرەب بالا ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن مەقسەت- يېقىندا ئۈچ يەھۇدىي ياشنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر